
11 -ئاينىڭ 4-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىلىك خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىپ، يېقىندا تاراتقۇلار خەۋەر قىلغان جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ، جيۇجياڭ، جىڭدېجېن قاتارلىق جايلىرىدىكى تېلېگراف، كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىجارەت تور نۇقتىلىرىدا باشقا جايلارنىڭ كىملىكى بىلەن تېلېفون كارتىسى بېجىرىشتە يۇقىرى سوممىلىق سۆزلىشىش ھەققىنى ئالدىن ساقلاش، خىزمەت ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانلىقىغا قارىتا، جياڭشى ئۆلكىلىك خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تۈزىتىش، ئابونىچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا بۇيرۇدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ