گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2026-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2025.11.05 14:54 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2026-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ھازىر 2026-يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە

1. يېڭى يىل: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە) دىن 3-كۈنى (شەنبە)گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي 3 كۈن. 1-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.

2. باھار بايرىمى: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەكشەنبە)دىن 23-كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۈشەنبە)گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي توققۇز كۈن. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى (شەنبە)، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.

3. چىڭمىڭ بايرىمى: 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (شەنبە)دىن 6-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن.

4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (جۈمە)دىن 5-كۈنى (سەيشەنبە)گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشىلىدۇ، جەمئىي بەش كۈن بولىدۇ. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.

5. دۇەنۋۇ بايرىمى: 6-ئاينىڭ 19-كۈنى (جۈمە)دىن 21-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن.

6. جۇڭچيۇ بايرىمى: 9-ئاينىڭ 25-كۈنى (جۈمە)دىن 27-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن.

7. دۆلەت بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 7-كۈنى (چارشەنبە)گىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي يەتتە كۈن. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.

ئورۇن ۋە شەخسلەر مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، بىرقەدەر ئۇزاق دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئەمەلىي شەكىللەندۈرۈپ، بېسىق مەزگىل بىلەن تاقاشتۇرماي سەپەرگە چىقىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېغىر، تاسادىپىي ۋەقەگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ ھەم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىشنى ئىناق، تىنچ ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

2025-يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ