
11-ئاينىڭ 3-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ تۈنۈگۈن جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرو قوراللىرىنى مەخپىي سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟
ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان يادرو دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۆزىنى قوغداش، مۇداپىئە كۆرۈشتىن ئىبارەت يادرو ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»نىڭ نوپۇزىنى، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى ئورتاق قوغداشنى خالايمىز.
ماۋ نىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئامېرىكىنىڭمۇ «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش شەرتنامىسى»دىكى مەجبۇرىيىتىگە ۋە يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ۋەدىسىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ۋە يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوغدىشىنى، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ