تارقىتىپ ھەمبەھرىلەڭ! ئۈچ «كارى بولماسلىق» ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدۇ

2025.11.04 15:37 مەنبە: خەلق تورى

ئۇيقۇسىزلىق ئازابى تارتىۋاتامسىز؟ ئۇخلىيالمىغاندا بۇ ئۈچ «كارى بولماسلىق»نى سىناپ بېقىڭ:

بىرىنچى، ئۇيقۇنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامال بار مۇقىم ۋاقىتتا كارىۋاتقا چىقىڭ ۋە قوپۇڭ. كەچ سائەت 10:30 دىن 11:30 غىچە كارىۋاتقا چىقىپ، ئەتىگەن سائەت 6:00 دىن 7:00 گىچە كارىۋاتتىن چۈشۈپ، بىيولوگىيەلىك سائەتنى ياخشى تەڭشەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، كۈندۈزى ئامال بار تولۇقلاپ ئۇخلىماڭ. كۈندۈزى مۇۋاپىق مىقداردا تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ، ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئۈچىنچى، ئۇخلاش-ئۇخلىيالماسلىقتىن قەتئىينەزەر، كارىۋاتقا چىققاندىن كېيىن ئامال بار ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ. ئۇيقۇسىزلىقتىن قانچە قورققانسېرى شۇنچە جىددىيلىشىسىز، شۇنداقلا تېخىمۇ ئاسان ئۇيقۇسىزلىنىسىز. قورساقتىن نەپەسلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ