گوۋۇيۈەن تەستىقلىدى! خەلق پۇلى، چوڭ خەۋەر

2025.11.04 15:36 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسى كورېيە بانكىسى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىمزالىدى، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كۆلىمى 400 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى/ 70 تىرىليون كورېيە ۋونى بولۇپ، كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى بەش يىل، ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

ئىككى تەرەپنىڭ يەنە ئىككى تەرەپ ئۆز پۇلىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى داۋاملىق ئىمزالىشى ئىككى دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ قولايلىشىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ