رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۈن يېلى بۈيۈك مىسىر مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2025.11.04 15:25 مەنبە: خەلق تورى

ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سۈن يېلى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە بۈيۈك مىسىر مۇزېيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مىسىر زۇڭتۇڭى سېشى مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى سۈن يېلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە قىسقا سۆھبەتلەشتى.

سۈن يېلى زۇڭتۇڭ سېشىغا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى تاپشۇرۇپ بەردى. سۈن يېلى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ مىسىر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.

زۇڭتۇڭ سېشى سۈن يېلىغا رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەت ئەۋەتىپ بۈيۈك مىسىر مۇزېيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە ھەمدە ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ مۇزېينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، مىسىر تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ