
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 4 تىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە ئافغانىستاندا 6.4 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولۇپ، تەۋرەش مەركىزى شىمالىي كەڭلىك 36.55 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 67.45 گىرادۇستا ئىكەن.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى مودېلىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ