
خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت»تە ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان كىلىمات ئۆزگىرىشى تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: تەتقىقاتچىلار قانات يايدۇرغان دېڭىز-ئوكياننىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىگە قارىتا بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2300-يىلىغا بارغاندا، %59كە يېقىن جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز جازىسى يۇقىرى بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئەھۋالى ئاستىدا يوقاپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، بۇ پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئون مېتىر ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ تەتقىقات مودېلىدا كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز قاپلىمىسىنىڭ زىيىنى تېمپېراتۇرا 2 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپ ئازىيىدىكەن، بۇ، تۆۋەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز جازىسى ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ