
11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە شىنجاڭدا بىرقەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدۇ
شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى
ئۈرۈمچى شەھىرى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا قاتتىق قار ياغىدۇ
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قاتناش-تىرانسپورت، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردىن 6-كۈنى كۈندۈزگىچە يامغۇر ئارىلاش قاردىن قېلىن قارغا ئۆزگىرىدۇ (يېڭىدىن كۆپەيگەن قار 10 سانتىمېتىردىن 25 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ)
قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ (يېڭىدىن كۆپەيگەن قار 35 سانتىمېتىردىن 55 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ) غەربىي شىمال شامىلى تۆت بالدىن بەش بالغىچە چىقىدۇ
شەھەر رايونىنىڭ كۈندۈزلۈك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇستىن 3 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ
11-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 8 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ