بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

2025.10.31 16:31 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىدا، شيېچېڭ گۇرۇھى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.12 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

شيېچېڭ سۇپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ساياھەت بازىرىدا بىردەك كۈچلۈك ئېشىش كۆرۈلۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى نامايان بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كۈتۈۋالغان ئادەم قېتىم سانىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %80 تىن ئاشقان. ساياھەتچىلەر مەنبەسى قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، 80-، 90-يىللاردا تۇغۇلغانلار توپى ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ