

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو (قەشقەر) − ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي ئاسىيا قانۇنچىللىق مۇنبىرى (2025) دە، ئەزىز مېھمانلار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

10-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو (قەشقەر) − ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا قانۇنچىللىق مۇنبىرى (2025) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شىنجاڭ قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، قانۇنشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرى، تەتقىقاتچىلىرى، ئەمەلىي ئىشلار ساھەسىدىكى زاتلار قاتارلىقلار «قانۇن ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، < بىر بەلباغ، بىر يول > نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، يەتتە تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاساسىي مۇنبەردىن باشقا، نەق مەيداندا يەنە «< بىر بەلباغ، بىر يول > ۋە ئىقتىساد-سودا، سېلىنمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى»، «< بىر بەلباغ، بىر يول> تالاش-تارتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش»، «قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى ئالماشتۇرۇش، يېتىشتۈرۈش ۋە ھەمكارلىشىش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پاراللېل مۇنبەر تەسىس قىلىندى.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ