
گېزىتىمىز مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى
ۋاقتى: 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
كۈنتەرتىپ: جۇڭگو-ئامېرىكا رەھبەرلىرى فۇشەندە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش رايونىغا كىرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ئالدىدا قەدىمىنى توختاتتى. ئۇ سول تەرەپكە قاراپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قىزىل پاياندازنى بويلاپ مەزمۇت قەدەم تاشلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
10-ئاينىڭ 30-كۈنى، كورېيە فۇشەن.
جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قول ئېلىشىش كۆرۈنۈشى دەل ۋاقتىدا دۇنياغا يەتكۈزۈلدى.
ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئەھۋال سوراپ مۇنداق دېدى: «يەنە كۆرۈشكەنلىكىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمەن».
زۇڭتۇڭ ترامپ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىزنىڭ چوقۇم ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمەن.» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ رەئىس شى جىنپىڭغا قاراپ مۇنداق دېدى: «لېكىن ئۇ سۆھبەتتە ناھايىتى قاتتىق، بۇ ياخشى ئەمەس. بىز بىر-بىرىمىزنى ئىنتايىن چۈشىنىمىز.»
ئۇچرىشىش ئورنى ئايروپورتنىڭ كۆك ئۆيىدىكى ئەزىز مېھمانلار ئۆيىدە بولۇپ، شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە چوڭقۇر مەنىگە ئىدى. بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كورېيە سەپىرىدىكى تۇنجى مەيدان پائالىيىتى، شۇنداقلا زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ بىر ھەپتىگە يېقىن ئاسىيا سەپىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان پائالىيىتى ئىدى. ئالدىنقى كۈنى، ئۇچرىشىشنىڭ بېكىتىلگەنلىك خەۋىرى «دىققەت قىلىۋاتقان» خەلقئارا جەمئىيەتنى خۇش قىلىۋەتتى.
شۇ تاپتا، بىر ئامېرىكىلىق مۇخبىر يۇقىرى ئاۋازدا: «بۈگۈن سىلەر سودا كېلىشىمى ئىمزالامسىلەر؟ » دەپ سورىدى.
زۇڭتۇڭ ترامپ مۇنداق دېدى: «بەلكىم. لېكىن بىز ناھايىتى ياخشى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايمىز. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى ياخشى، دائىم ناھايىتى ياخشى.»
بۇ يول تەكشى ئەمەس.
بوران-چاپقۇنلۇق نەچچە ئون يىلدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ «نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى». خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى تەسۋىرلىگەندەك، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھامان پارلاق ئىستىقبال نامايان بولىدۇ، «خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش − جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا جەزمەن چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك».
ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇش.
ئۆي چوڭ ئەمەس ئىدى، تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان بىر قېتىملىق چوڭقۇر سۆھبەت ناھايىتى يېقىن ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلدى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشى ئۇچرىشىش زالىدىكى ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىگە باغلانغان، شۇنداقلا 1 مىليارد 700 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو-ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئورتاق تاللىشىغا باغلانغان.
زۇڭتۇڭ ترامپ قىزغىنلىق بىلەن سۆز ئېچىپ مۇنداق دېدى: «ئۇزاق يىللىق قەدىناس دوستۇم بىلەن كۆرۈشەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. بىز پات ئارىدا ئىنتايىن كۆزگە كۆرۈنگەن، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بىلەن بەزى مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىمىز. مېنىڭچە، بىز نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، ھازىر يەنە تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىمىز. رەئىس شى جىنپىڭ بىر ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ ئۇلۇغ رەھبىرى. مەن بىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، سىزنىڭ بىز بىلەن بىللە بولغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن.»
جەمئىيەت تۈزۈمى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشاش بولمىغان دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىش ئۈچۈن، ئەقىل-پاراسەت، كەڭ نەزەر دائىرە بولۇشى، يىراقنى كۆرەرلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇشى كېرەك.
رەئىس شى جىنپىڭ بايانىدا زىددىيەت، مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرمىدى، سۆزلىرى سەمىمىي ھەم ئەقىل-پاراسەتكە تولغانىدى:
«بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا كوللېكتىپى كۇئالالۇمپۇردا يېڭى بىر نۆۋەتلىك كېڭىشىش ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرى ھازىرقى ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئاساسىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، شۇنداقلا بىزنىڭ بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىزنى زۆرۈر شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزى ئىختىلاپلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بەزىدە سۈركىلىش بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ ناھايىتى نورمال.»
ئۇ يىغىن مەيدانىغا ئەتراپلىق نەزەر سېلىپ، تەمكىن ۋە قەتئىي ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «بوران-چاپقۇن ۋە خىرىس ئالدىدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى رولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى كونترول قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنى تەكشى، مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك».
باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ئىنتايىن مۇھىم. رەقىبمۇ ياكى ھەمراھمۇ، بۇ نېگىزلىك، باش تۇتقا بولىدىغان مەسىلىگە قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ يىراققا نەزەر سالغاندا بوران ـ چاپقۇننىڭ ئاجىزلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەندە دېڭىز دولقۇنىنىڭ تىنچلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ تۇتقىنى تۇتۇپ ھەممە ئىشلارغا يول ئېچىپ، جۇڭگو مەيدانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى زۇڭتۇڭ ترامپ ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان < ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ قىلىش > بىلەن زىت ئەمەس، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەت تامامەن بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلەيدۇ، ئورتاق گۈللىنەلەيدۇ. ئىككى دۆلەت ھەمراھلاردىن، دوستلاردىن بولۇشى كېرەك، بۇ تارىخنىڭ ئىلھامى، شۇنداقلا رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى.»
كۆزەتكۈچىلەر: جۇڭگو «تاموژنا بېجى دېڭىز تاشقىنى»غا كۈچلۈك تاقابىل تۇردى، «سوغۇققان بولۇپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ھۆرمەتكە ئېرىشتى» دەپ باھا بەردى.
بۇ «سوغۇققانلىق»نى نېمە بارلىققا كەلتۈردى؟ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە چىڭ تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋى كۈچ، تەرەققىيات ئىشەنچى بارلىققا كەلتۈردى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇنى تەسىرلىك بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە تۈزۈپ چىقىش، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەشتە چىڭ تۇردۇق، ئەزەلدىن ھېچكىمگە خىرىس قىلىش، ھېچكىمنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى ئويلىمىدۇق، بەلكى زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ئۆزىمىز بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلەندۇق. بۇ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم شىفىر.»
بىر تەرەپتىن ھەمكارلىقنىڭ ئېھتىياجى، ئورتاق پايدا ئېلىش پۇرسىتى، يەنە بىر تەرەپتىن سۈركىلىشنىڭ كەسكىنلىشىشى، قارشىلىشىش خەۋپ-خەتىرى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا روشەن پەرق پەيدا قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ، رەئىس شى جىنپىڭ «يىراق كەلگۈسىگە ئىرادە باغلىغاندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك نەزەر بىلەن «ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا خاتىرجەملىك بېغىشلاشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىقتىساد-سودا داۋاملىق تۈردە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچىسى ۋە ئالغا سىلجىتقۇچىسى بولۇشى، ھەرگىزمۇ توسالغۇ ۋە توقۇنۇش نۇقتىسى بولماسلىقى كېرەك. ئىككى تەرەپ چوڭ ھېسابات قىلىشى، ھەمكارلىق ئېلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتنى كۆپرەك كۆرۈشى، ئۆزئارا ئۆچ ئالىدىغان يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا پېتىپ قالماسلىقى كېرەك.»
زۇڭتۇڭ ترامپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىزچىل ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلدى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، جۇڭگو ۋە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
«چوڭ پىرىنسىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، باشقا مەسىلىلەرنى بېجىرىش ئاسانلىشىدۇ.»جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىشقا بولىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن خىرىسنى ھەل قىلىش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئورتاق نامايان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق بەزى چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا بولىدۇ.»
زۇڭتۇڭ ترامپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەمراھى، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ دۇنيادا نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.»
ئۇلار جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىگە بىرلىكتە نەزەر سالدى: كېلەر يىلى جۇڭگو ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانى بولىدۇ، ئامېرىكا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللىسا بولىدۇ. زۇڭتۇڭ ترامپ يەنە كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.
كەلگۈسىدە 2025-يىلىدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا ۋە دۇنيا يەنە قانداق تەسۋىرلىنىدۇ؟
بۇ سەھىپىدە پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى بار، لېكىن تېخىمۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى شۇكى، ئاچقۇچلۇق پەيتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قايتا توغرىلاش، قايتا پىلانلاشتىن ئىبارەت. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى بوران-چاپقۇندا تاۋلىنىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ يېتەكلەش قىممىتىنى بارغانسېرى نامايان قىلىۋاتىدۇ.
«سۆھبەتلىشىش قارشىلىشىشتىن ياخشى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى بەلكىم 100 نەچچە مىنۇت داۋاملاشقان بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇشى مۇمكىن.
ئۇچرىشىش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13 كە يېقىن ئاياغلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆك ئۆيدىكى ئەزىز مېھمانلار ئۆيىدىن بىمالال چىقتى. فوتو ئاپپارات كۇنۇپكىسىنىڭ ئاۋازىدا، زۇڭتۇڭ ترامپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۆھبەتلەشتۇق. » ئۇ يەنە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن پەس ئاۋازدا بىرنەچچە ئېغىز پىچىرلاشتى.
قىزىل بايراق ماركىلىق ماشىنا پەلەمپەي ئاستىدا توختىدى. ئەمدىكى بىر كۆرۈنۈش نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارنى قاتتىق خۇشال قىلدى: زۇڭتۇڭ ترامپ رەئىس شى جىنپىڭنى قىزىل بايراق ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۇزىتىپ قويۇپ، يەنە بىر قېتىم خوشلاشتى.
ئالدىمىزدىكى يول ئۇزۇن. گەرچە يەنىلا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق بولسىمۇ، تارىخ بۇ سەھىپىنى خاتىرىلىدى:
ئۇچرىشىش ئاخىرلىشىپ ئۈچ سائەتتىن كېيىن، جۇڭگو-ئامېرىكا كۇئالالۇمپۇر ئىقتىساد-سودا كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلان قىلىندى. «يولغا قويۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش»، «مۇۋاپىق ھەل قىلىش» قاتارلىق سۆزلەر جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ھەتتا دۇنيا ئىقتىساد ئىسترېلكىسىنى يېڭى شىكالىغا يۆتكىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ