
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىپ بېكىتىشى ئارقىلىق، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كورېيە پۇساندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جۇ چاۋ) جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىپ بېكىتىشى ئارقىلىق، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كورېيە پۇساندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە تەڭداشسىز ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەر ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
«بىز ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يېتەكچى ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمىز» دېدى گو جياكۇن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ