خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش

− پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2025.10.31 16:21 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىش نىشان-تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېڭى سەپەردە غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى، رىغبەتلەندۈردى.

خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلىشىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ياراتتى.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ھەر يىلى شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 12 مىليوندىن ئاشتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 79 ياشقا يەتتى، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە بىۋاسىتە راسچوت قىلىش 560 مىليون ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزدى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىدا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %92 كە يەتتى. ..خەلققە بەخت يارىتىش تۈپ قىممەت يۈزلىنىشى قىلىنىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسى پۇختا قەدەمدە ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئۆزگىرىشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن چەت ئەللىك دوستلار مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بارلىق خەلقنى يېتەكلەپ ئورتاق بېيىشقا قاراپ ئاتلاندى.

ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكەت ھالىتىدە ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىش جەريانى، ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش شەرت. ئومۇمىي يىغىننىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشى گەۋدىلىك تەكىتلەندى، بۇ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىر ئومۇمىي تەلەپ. خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشنى چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم پىرىنسىپ قىلىش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي نىشانلارنىڭ بىرى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي يىغىندا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار چۆرىدىلىپ، تەكشى، ئېرىشكىلى بولۇش ئىمكانىيىتى كۈچلۈك بىر تۈركۈم سىياسەت-تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ رايونلار پەرقىنى، شەھەر-يېزا پەرقىنى كىچىكلىتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئورتاق بېيىتىشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قاندۇرۇش، ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى، بۇ يەردە بۇنى مىسال قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، ھەم ئاۋات شەھەر قۇرۇشىمىز، ھەم گۈللەنگەن يېزا قۇرۇشىمىز كېرەك. » «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، «مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، قوللىنىشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ پۇقرالارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بېيىش يولى، بەخت يولى، قەلبداشلىق يولى، گۈللىنىش يولى بولۇشىغىچە، دۆلىتىمىزدە شەھەر ـ يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەر ـ يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا كۆپ يىل شەھەر ـ بازارلارنىڭكىدىن تېز بولدى. 2024 ـ يىلى شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم نىسبىتى 2020 ـ يىلىدىكىدىن 0.22 تۆۋەنلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر بىلەن يېزا بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت ـ يېزا ئىگىلىكى، شەھەر ـ يېزا مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاستىدىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ناھىيە رايونىدىكى خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى زورايتىش يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا ئومۇملۇق، ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جېجياڭ ئەنجىدە بىر تال يوپۇرماق بىر جايدىكى پۇقرالارنى بېيىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «گۈزەل مەنزىرە»دىن «گۈزەل تۇرمۇش»قا قاراپ يۈرۈش قىلدى؛ شەنشى يەنئەن «ئالمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى» قۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنى كېڭەيتىپ، قىزىل ئالمىنى «بېيىش مېۋىسى» «بەخت مېۋىسى»گە ئايلاندۇردى. «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى روشەن، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان ناھىيە رايونىدىكى خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەندىلا، چوقۇم كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.

زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ئادەمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئاخىرقى نىشانى ئادەمنىڭ ئەركىن ھەم ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، چوقۇم يېڭى سەپەردە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ