شى جىنپىڭ: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنەلەيدۇ

2025.10.30 14:15 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۇساندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى زۇڭتۇڭ ترامپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان «ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ قىلىش» بىلەن زىت ئەمەس، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنەلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمراھ بولۇشى، دوست بولۇشى كېرەك، بۇ تارىخنىڭ ئىلھامى، شۇنداقلا رېئاللىقنىڭ ئېھتىياجى. مەن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە پۇختا ئاساس سېلىشنى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ