شى جىنپىڭ: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئورتاق نامايان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا بولىدۇ

2025.10.30 14:15 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۇساندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن ئۇچراشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ترامپ رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قىزغىن تۈرتكە بولدى، جۇڭگو تەرەپمۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ھازىرقى تۈرلۈك قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشكە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى دۇنيادا يەنە نۇرغۇن قىيىن مەسىلە بار، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئورتاق نامايان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق بەزى چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ