تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى مۇستەھكەملەش، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەش

− پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2025.10.30 14:12 مەنبە: خەلق تورى

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش» «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم پىرىنسىپ قىلىنىپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش» ئاساسلىق نىشانلارنىڭ بىرى قىلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى چۆرىدەپ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رولغا ئىگە.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ ـ خەتەرنى ئويلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم پىرىنسىپى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كىرىزىسنى تۈگىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزە يارىتىشتەك يېڭى سەھىپىنى پۈتتى. بىز ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىقتىسادنىڭ قالتىس تىپ ئۆزگەرتىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، «دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى»گە ئايلاندۇق.

«14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش، دەپ مۇقىملاشتۇردۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سىجىل ئېشىپ، يىللىق ھوسۇل باشتىن-ئاخىر 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى؛ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئومۇملۇق، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە سۈپىتىدە تۇتۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئىستېمال ئېشىش مىقدارىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى دۆلەت ئىچىدە ئۆز ئالدىغا كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنى كۆزلەپ، خەۋپ-خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۆي-زېمىن كەسپى، يەرلىكنىڭ قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلاردىكى خەۋپ-خەتەرلەرنى تۈگەتتۇق؛ قورشاپ توسۇش، توسۇش، بېسىم ئىشلىتىش ئالدىدا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدۇق. .. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى. كەلگۈسى بەش يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىدىغان ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ-خەتەر ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئىلغار جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى كۈچەيتىش، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستىراتىگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ، خەۋپ-خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرساقلا، چوقۇم تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارنى تۈگىتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرالايمىز.

تىنچ-ئامانلىق خەلق بەختىنىڭ جان تومۇرى. بۇ يەردە «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ-ئامان جۇڭگو قۇرۇش» مىسال قىلىنىپ، قانداق قىلىپ تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى مۇستەھكەملەش، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەشكە بولغان چۈشىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە قاتىللىق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، قورال ـ ياراغ، پارتلىتىش دېلوسى ئەڭ ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. «2025 ـ يىللىق دۇنياۋى خەۋپسىزلىك دوكلاتى»دا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، مەيلى جۇڭگودىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولسۇن ياكى جۇڭگونىڭ «قانۇن ۋە تەرتىپ كۆرسەتكۈچى» رەت تەرتىپى بولسۇن، ھەممىسى غەربتىكى بارلىق چوڭ دۆلەتلەردىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ. تىنچ-ئامانلىق نېمە ئۈچۈن بىر يارقىن دۆلەت نام كارتىسىغا ئايلىنالىدى؟ ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگو جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تۈزۈمگە تاياندى، دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى يۈكسەك ئىقتىدارىمىزغا تاياندى.

يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» ئارقىلىق ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن «يېڭى دەۋردىكى ليۇچىشياڭ خىزمەت ئۇسۇلى» ئارقىلىق مەنبەدىن تۈزەيدىغان، كۆپ مەنبە ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئىناق، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىشقىچە، رەقەملىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشنىڭ ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كۈچ قوشۇشىدىن قانۇنچىللىقنىڭ تىنچ-ئامان جۇڭگو ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىشىنى قوغداشقىچە. .. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز جەمئىيەت ئىدارە قىلىشىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز، بىز ئىچكى-تاشقى خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىشىمىز كېرەك. بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەت ئىدار قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

داغدام يول كەڭ تۈزلەڭلىك دېگەنلىك ئەمەس. بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىش مۇقەررەر ھالدا تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرسەك ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلساقلا، چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ