شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب بىلەن جۇڭگو - فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.10.30 13:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىنلاندىيە گۈزەل «كۆل دۆلىتى»، شۇنداقلا بىرىنچى تۈركۈمدە جۇڭگو بىلەن ھۆكۈمەتلەر ئارا سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە ئىدېئولوگىيەدىن ھالقىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سىياسىي، ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. بۇلتۇر 10 - ئايدا، زۇڭتۇڭ سىتۇب جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدۇق. مەن جۇڭگو - فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سىتۇب بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى خالايمەن.

سىتۇب مۇنداق بىلدۈردى: فىنلاندىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق، ئاساسى مۇستەھكەم. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. بۇلتۇر 10 - ئايدا مەن تۇنجى قېتىم جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ «فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە خىزمەت پىلانى (2025 - يىلىدىن 2029 - يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلىك رولىغا ئىشىنىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ۋە دۇنياۋى قارالمىلار توغرىسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ