شىنجاڭدىكى بىر جاي پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش باياناتى ئېلان قىلدى

2025.10.29 14:54 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 15 تىن 39 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە 4.7 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 27 كىلومېتىر بولدى. تەۋرەش مەركىزى توقسۇن ناھىيەسى كۈمۈش بازىرىنىڭ جەنۇبىنىڭ قىيپاش شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، چۆللۈكتىكى ئادەمسىز رايونغا تەۋە.

يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ئايرىم تور ئەھلى ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئۆز تاراتقۇ نومۇرى ئارقىلىق «يەر تەۋرەش خارابىسى»، «ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈش»، «خەتەردىن قۇتقۇزۇش» قاتارلىق سۈرەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلدى.

توقسۇن ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى پىتنە-ئىغۋا بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلمىگەن.

تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى كەڭ ئاممىغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: پىتنە-ئىغۋا توقۇماسلىق، پىتنە–ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىق، كېلىش مەنبەسى بىرەسمىي، دەلىللەنمىگەن يەر تەۋرەش ئۇچۇرلىرىغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك ياكى تارقاتماسلىق، ھەممىدە ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلانىنى ئاساس قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ