
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ھويلىسىدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە مەكتىپىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ بايلىق جەھەتتىن ياردەم بېرىشتىن چوڭقۇر ھەمكارلىشىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە مەكتىپى ئەسلىدە 2018-يىلى قۇرۇلغان خېڭشۈي ئوتتۇرا مەكتىپى لوپنۇر شۆبە مەكتىپى ئىدى. بۇ قېتىم دەرىجىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە مەكتەپكە ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، تەسىر دائىرىسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشىدۇ.
نۆۋەتتە، خېڭشۈي شەھىرى تاللاپ ئەۋەتكەن 22 تايانچ ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، دەرسخانا باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، ئىلغار ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى يەتكۈزۈش، دەرس تەييارلاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ