فىنلاندىيەدىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى كېچىدە 7 سائەتتىن 9 سائەتكىچە ئۇخلىغانلارنىڭ ئورۇقلىشى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان

2025.10.29 09:23 مەنبە: خەلق تورى

فىنلاندىيەدە قۇرامىغا يەتكەن ئورۇقلايدىغانلار توپىغا قارىتىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيقۇ سۈپىتى بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كېچىدىكى ئۇخلاش ۋاقتى، كېچە-كۈندۈز رىتىمى ۋە كۈندۈزدىكى سەگەكلىك دەرىجىسى كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ھەر كۈنى كېچىدە 7 سائەتتىن 9 سائەتكىچە ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئورۇقلاش جەھەتتىكى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولىدىكەن.

فىنلاندىيە خېلسىنكى داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىندا ئىلمىي ژۇرنال «سېمىزلىك تېبابىتى»دە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇلار فىنلاندىيە «بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇش ئائىلىسى» ساغلام ئورۇقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش تۈرىدىكى 1800دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتكەن قاتناشقۇچىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر يىللىق رەقەملىك تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئارىلىشىش جەريانىدا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە ئۇخلاش ۋاقتى، كېچە-كۈندۈز رىتىمى، كۈندۈزدىكى سەگەكلىك دەرىجىسى، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئەھۋالى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلىگەن.

ئانالىزدىن بايقىلىشىچە، ئۇخلاش بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا ئىكەن. ھەر كۈنى كېچىدىكى ئۇيقۇنىڭ 7 سائەتكە يەتمەسلىكى ئورۇقلاش ئۈنۈمىنىڭ ناچارراق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، ھەر كۈنى كېچىدە 7 سائەتتىن 9 سائەتكىچە ئۇخلىغانلارنىڭ ئورۇقلىشى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورۇقلاش ئۈنۈمى كېيىن ئۇخلاپ كېيىن تۇرىدىغانلارنىڭكىدىن ياخشى بولىدىكەن، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن، كۈندۈزى زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، سەگەكلىك دەرىجىسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ تەتقىقاتتا يەنە تۇرمۇش شەكلىگە رەقەملىك ئارىلىشىش بەدەن ئېغىرلىقىنى باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ