شى جىنپىڭ تايلاند پادىشاھىنىڭ ئانىسى شىلىيجيېنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تايلاند پادىشاھى ۋاجىرالۇڭكورنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.10.29 09:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تايلاند پادىشاھىنىڭ ئانىسى شىلىيجيېنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تايلاند پادىشاھى ۋاجىرالۇڭكورنغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، تايلاند خان جەمەتى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پادىشاھ ئانىسى شىلىيجيې تايلاند خان جەمەتى ۋە خەلقىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە. ئۇ جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىلگىرى پادىشاھ پۇمىپونغا ۋاكالىتەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، «جۇڭگو - تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن ئىبارەت ئالاھىدە دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان. بىز ئۇنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ