
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، دۈنخۇاڭدىن قومۇلغا قاتنايدىغان قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىكى تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلان دۈنخۇاڭ موگاۋ خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، گەنسۇ دۈنخۇاڭدىن شىنجاڭ قومۇلغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان تۇنجى قېتىم قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە ئېچىلدى، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇچىدۇ. گەنسۇ دۈنخۇاڭ موگاۋ خەلقئارا ئايروپورتىمۇ 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق، ئەتىيازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلانىنى رەسمىي ئىجرا قىلىپ، 18 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، 17 شەھەرگە قاتناپ، قىش، ئەتىياز پەسلىدە يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ