«بىزنىڭ ئۆيدە ئانام يالغۇز، ئۈچ مو يېرىمىز بار. ..» بۇ باھا سۆزى ساقچىلارنى چۆچۈتۈۋەتتى

2025.10.27 15:41 مەنبە: خەلق تورى

«بىزنىڭ ئۆيدە ئانام يالغۇز، ئۈچ مو يېرىمىز بار، كۆممىقوناق يىغىشقا ياردەملەشسىڭىز بولامدۇ...»

يېقىندا، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسى گۇڭئەن ئىدارىسى شىپىنخاۋدا مۇشۇنداق بىر باھا سۆزىنى تاپشۇرۇۋالدى

بۇ سۆزنى يازغۇچى تۇرپان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچىسى ئوبۇلھەسەن مەتقاسىم

خەلق ساقچىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كۆممىقوناق تېرىش ئورنى، پىشىش ئەھۋالى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن، 20 نەچچە خىزمەتدىشى بىلەن سايمانلارنى ئېلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئارال يېزىسىنىڭ بەشتوغراق كەنتىگە تېزدىن باردى

ئېتىز باشلىرىدا خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ بەزىلىرى ئېڭىشىپ قوناق ئورۇسا، بەزىلىرى قوناق توشۇدى، بەزىلىرى دان ئايرىشقا ياردەملەشتى، كۆپچىلىك ساقچى فورمىسىنىڭ تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن قارىماي، غەيرەتكە كېلىپ ئۈچ مو يەردىكى قوناقنىڭ ھەممىسىنى ئورۇپ بولۇپ، ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى

رەتلىك دۆۋىلەپ قويۇلغان كۆممىقوناقلارغا قاراپ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسى زۇلەيخان ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتتى، ساقچىلارمۇ سۆز قالدۇرغان ئوقۇغۇچىغا تېلېفون قىلدى

«بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىڭىزدە قانداق قىيىنچىلىق بولسا بىز ھەر ۋاقىت كېلىپ ياردەملىشىمىز، سىز ئۇ يەردە ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ»

بۇنىڭدىن باشقا، كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ «جىددىي يىغىم»ىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى.

«ساقچى كۆك فورمىسى» ئارقىلىق «مول ھوسۇل مېۋىسى»نى قوغدىدى، سىلەرگە رەھمەت، قىزغىن ساقچى يولداشلار!

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ