مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيقۇسىنى مائارىپنى باھالاش، كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىغا كىرگۈزىمىز

2025.10.27 15:47 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى ئون تۈرلۈك تەدبىر»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «تەنتەربىيە دەرسى ھەر كۈنى ئىككى سائەت بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تەرلىتىدىغان» تەنتەربىيە دەرسى بەرپا قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەرلىك ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇخلاش ئەھۋالىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن ساپاسى ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش، كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، يازما تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مېخانىكىلىق، تەكرار، جازالاش خاراكتېرلىك تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاتتىق چەكلەپ، ھەر ھەپتىدە بىر كۈن «تاپشۇرۇق يوق كۈن» تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ