
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى مۇنداق جاكارلىدى: كورېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، كورېيەنىڭ چىڭجوۋغا بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، ما جويەن) كورېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، كورېيەنىڭ چىڭجوۋغا بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۈمىدىنى تونۇشتۇردى.
گو جياكۇن مۇنداق بىلدۈردى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
گو جياكۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورېيە يېقىن قوشنا ۋە ھەمكارلىق ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كورېيەگە قارىتىلغان سىياسىتىدە مۇقىملىق ۋە ئىزچىللىقنى ساقلايدۇ، بۇ قېتىمقى زىيارەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ كورېيەدە يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى، شۇنداقلا زۇڭتۇڭ لى زەيمىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن جۇڭگو - كورېيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ