شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ پاسنىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2025.10.27 15:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كۆپ مىللەتلىك بولىۋىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - بولىۋىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ كەلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو تەرەپ بولىۋىيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. مەن جۇڭگو - بولىۋىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان پاس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - بولىۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بولىۋىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان لاراغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ