
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قارىتا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاشتا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى گو لېي ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلدى. ئۇلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە بولغان ئويلىنىشىنى قۇۋۋەتلىدى ھەم ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى بىلەن ئىستېمال زەنجىرىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش، ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، مۇھىم ھۆججەتلەرنى تۈزۈشتە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇسۇلى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسى. تەكلىپ نۇسخىسىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى ھەم پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى نىشان - تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە پىكىر يولى، تەدبىرلەرنى ئىلمىي بېكىتىش كېرەك. دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە چەكلەپ تۇرۇۋاتقان نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلەرنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرماقتا. خەلقئارا ۋەزىيەتنى يېقىندىن ئىزلاپ تەكشۈرۈپ، دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. مەيلى تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدە قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، بولۇپمۇ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا تىرىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش. خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ قىممەت يۆنىلىشى قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى كۈچەپ قاندۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا قاراتمىلىقى بولغان پىكىر - تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ۋاڭ يى، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، ئەن لىجيا، جاڭ ۋېيخۇڭ قاتارلىقلار بار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ