ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ 5-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىغا قارىتا كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى

2025.10.23 15:26 مەنبە: خەلق تورى

10-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ 5-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنى كۆزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 5-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن ۋۇ ۋە كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن خىزمەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گاۋ جىمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىغا ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشنى مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك تولۇق ئادا قىلىش بىلەن ھەقىقىي بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ قاتتىق ئىنتىزام، ئەڭ پۇختا ئىستىل ئارقىلىق كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئىنتىزام-قائىدىنى چىڭىتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، ئەھۋاللارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئىنكاس قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك، راۋان قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى شىنجاڭ تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بۇ نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، ئىچكى ئاپپاراتلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەمدە مۇھىم ئىش ئورنىدىكى تەپتىش خادىملىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئىنكاس قىلىنغان خەت، تېلېفون قوبۇل قىلىنىدۇ. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئالاقىلىشىش تېلېفونى تەسىس قىلدى: 2622765 ، 2622456-0991، تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋاقتى خىزمەت كۈنى سائەت 10:00دىن 13:30غىچە، 15:30دىن 19:00غىچە بولىدۇ؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى A419 نومۇرلۇق پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىش بېجىرىش رايونىدا كۆزىتىش پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىندى. ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2025-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ