
يېقىندا، «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» ئۈندىدار سالونى 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ لەنجوۋ داشۆسى، شىئەن قاتناش داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىشتا 186 كەسپى ئورۇن بار بولۇپ، 521 ئىش ئورنىغا 1062 ئادەم تەكلىپ قىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىسىدىن 82 سى بار بولۇپ، 224 ئىش ئورنىغا 1246 ئادەم تەكلىپ قىلىدۇ؛ كارخانىدىن 78 ى بار بولۇپ، 314 ى ئىش ئورنىغا 2985 ئادەم تەكلىپ قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش-تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تەكلىپ قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، جەمئىيەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى بىرتۇتاش ئېلان قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىنى دەل جايىدا تەۋسىيە قىلىدۇ، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملىتىشقا تەشكىللەيدۇ. تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 10:00 دىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 20:00 گىچە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ