دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

2025.10.21 15:22 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:

بىرىنچى، لى چاڭلىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراكەش پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

يۈ جىنسۇڭ (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماراكەش پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئىككىنچى، خەن چۈنلىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

چېن فېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇمىنىيەدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئۈچىنچى، جاڭ زونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جياڭ شياۋيەن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

تۆتىنچى، يۈ دۈنخەينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالتا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جاڭ زونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالتا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

بەشىنچى، ۋېي خۇڭتيەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرېنادادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

ياڭ شۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرېنادادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئالتىنچى، چېن گويوۋنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

سۈن شياڭياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

يەتتىنچى، لى چېڭگاڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىدىن، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىدىن، قوشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

لى يۇڭشا (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە، قوشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ