شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى سۈنشەن فۇشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىپوماۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.10.21 15:19 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى سۈنشەن فۇشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىپوماۋغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، سۈنشەن فۇشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا تەزىيە بىلدۈردى، ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈنشەن ئەپەندى ياپونىيەدىكى ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا باي سىياسىيون، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو - ياپونىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىپ كەلدى. 1995 - يىلى سۈنشەن ئەپەندى شۇ چاغدىكى ياپونىيە باش ۋەزىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدا رەسمىي سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىق تارىخىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە چوڭقۇر ئويلاندى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن كەچۈرۈم سورىدى. «سۈنشەن سۆھبىتى»نىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. ياپونىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئوخشاش نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ