جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ جېڭ لىۋېننىڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

جېڭ لىۋېن شى جىنپىڭغا جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ رەھمەت ئېيتتى

2025.10.21 15:18 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جېڭ لىۋېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئىككى پارتىيە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساستا، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي ئاساستا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ماكانىنى قەتئىي قوغدىشىنى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى، قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇ كۈنى، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى جېڭ لىۋېن جاۋاب تېلېگرامما يوللاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقى 1992 - يىلى ھەرقايسىسى ئاغزاكى شەكىلدە بىلدۈرگەن بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئورتاق تونۇشىنى ھاسىل قىلدى. ئىككى پارتىيە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساستا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى قىرغاقتىكىلەر ئوخشاشلا يەندى - خۇاڭدى ئەۋلادلىرى، ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە، ئىككى پارتىيە ھازىرقى ئاساستا، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق خەلقىنى ئەڭ زور بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار ئىستىقبال يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ