

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا كىشىلەر نامايىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
نيۇيورك، لوس ئانژېلېس، ۋاشىنگتون، چىكاگو قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا 10-ئاينىڭ 18-كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆچمەنلەرگە زوراۋانلىق بىلەن زەربە بېرىش، خەلق مۇھاپىزەت ئەترىتىنى ئامېرىكىنىڭ شەھەرلىرىگە مەجبۇرىي ئەۋەتىش، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش قاتارلىق ترامپ ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلغان كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەرگە قارشى تۇرۇلدى. نامايىش تەشكىللىگۈچى تەرەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى نەچچە مىليون ئادەم شۇ كۈنى 2700 دىن ئارتۇق شەھەر-بازاردا تىنچلىق نامايىشىغا قاتناشتى، بۇ 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى تۇنجى قېتىملىق پۈتۈن ئامېرىكا «بىزگە پادىشاھ كېرەك ئەمەس» دېگەن ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ