
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئون تۈرلۈك ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى كۈچەپ چىقىرىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بولۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش، باراۋەر بولۇش، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، ئاشكارا-ئوچۇق بولۇش، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار، چوڭ ياشلىق ياشانغانلار، شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بارلار، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، يېزا-كەنت دوختۇرلىرى، مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچى ئەسكەرلەر، نەپىقە ئوبيېكتلىرى ۋە دەم ئېلىشقا چىققان خادىملارغا تۈرلۈك ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەمىناتتىن 3 مىليارد 90 مىليون يۈەننى ۋاقتىدا تارقىتىپ، 2 مىليون 516 مىڭ تەمىنات كاپالىتى ئوبيېكتىغا نەپ يەتكۈزدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ