شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ داۋىد ئادىئاڭغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ناۋرۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ناۋرۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى ناۋرۇ ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلدى. مەن بۇنى چوڭقۇر ئالقىشلايمەن. مەن جۇڭگو - ناۋرۇ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.