شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ھەم يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ھەم يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاشلىق سىستېمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزىگە تايىنىپ 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى ھەم ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو كۈچىنى قوشتى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ھەم يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئاشلىق - يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ھەم يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى 1945 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى قۇرۇلغان، جۇڭگو بۇ تەشكىلاتنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت.