شى جىنپىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

مەكتەپ باشقۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

2025.10.20 15:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋاب خەت

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن!

يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان تېخىمۇ كۆپ كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئاساسى 1905 - يىلى قۇرۇلغان پايتەخت داشۆتاڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا داشۆسى بولۇپ، 1995 - يىلى بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇش داشۆسى بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان. يېقىندا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپنىڭ 120 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ