«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

​دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025.10.17 09:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 20 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2021 - يىلى 9 - ئايدىن 2025 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسەت دەل يۇقىرىقى قىزىل رەقەملەرنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەرەققىيات خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ. بىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىزدىكى مەقسەت ئېشىش پۇرسىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات يولىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، «يەرشارى كەنتى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئىدىيەسىنى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭ، ماس، سىغدۇرۇشچان بولغان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىنسانلار ئايرىلماس خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى. دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر بىر - بىرىگە تايىنىدىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش مۇتلەق خەۋپسىزلىكىنى، خەۋپسىزلىكتىن يالغۇز بەھرىمەن بولۇشنى قوغلىشىش ئاقمايدۇ. دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى دەل ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىق ئارقىلىق خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئورۇنلۇق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشنى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەنئەنىۋى ساھەلەر ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى ساھەلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆپ خىل مەدەنىيلىك دۇنيانىڭ خىسلىتى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى زىچ باغلانغان بۈگۈنكى كۈندە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇش - بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇش، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى گۈللەندۈرۈشتە تەڭداشسىز رول ئوينايدۇ. دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش دەل ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈرلۈك مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتە ئالماشتۇرۇشى، مەدەنىيەت جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۇنيا مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولدۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان مۇھىم پەيت. 80 يىل ئىلگىرى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زور ئاپىتى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئىلگىرىكى قايغۇ - ھەسرەتلىرىنى ئەسلەتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا يېڭى بىر بەت ئاچتى. 80 يىلدىن كېيىن، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمى ئۆزگەرمىدى، لېكىن سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، زومىگەرلىك، قورۇقچىلىق تۇمانلىرى تارقىمىدى، يېڭى تەھدىت، يېڭى خىرىسلار ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلدى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، قانچىكى مۈشكۈل پەيت بولغانسېرى، تىنچ بىللە ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلىدى. بىرىنچى، ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىنى يولغا قويدى. ئىككىنچى، خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىشقا رىئايە قىلدى. ئۈچىنچى، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. تۆتىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بەشىنچى، ھەرىكەت يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ