شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاترىك ھېرمىنىرگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سېيشېل جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېيشېل ئەنئەنىۋى دوستلار، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن سېيشېل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. مەن جۇڭگو - سېيشېل مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ھېرمىنىر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.