شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، ما جويەن) 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن گانا زۇڭتۇڭى ماخاما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گانا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى. جۇڭگو - گانا دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆزلىرى بىۋاسىتە ئورناتقان بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو تەرەپ گانانىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، گانا تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ، گانا تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك؛ كانچىلىق، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، گانا تەرەپنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، بايلىق ئېچىش بىلەن مۇھىت قوغداشنىڭ ئۈنۈملۈك ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، گانا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرگە قارىتا %100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىدىن بالدۇرراق نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ماخاما جۇڭگونىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى زور، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى رەھبەرلىك كۈچى نامايان قىلىندى، دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: گانانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسىدىكى ھەمكارلىق ئارقىلىق گاناغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. گانا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، رەقەملىك ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گانا تەرەپ كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو قاتارلىق ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ساۋ جيايۆ) 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن دومىنىكا زۇڭتۇڭى بۇرتون بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دومىنىكا جۇڭگونىڭ كارب رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - دومىنىكا ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ دومىنىكا تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئۇل ئەسلىھە، پاكىز ئېنېرگىيە، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، يېزا ئىگىلىكى، ئاياللارنى ھوقۇققا ئىگە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى بىرلىكتە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىدىكى ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاياللار ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
بۇرتون مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دومىنىكانىڭ ئۇلۇغ دوستى ۋە ئىنتايىن قەدىرلەيدىغان ھەمراھى، جۇڭگو تەرەپنىڭ قىممەتلىك مەدىتى ۋە سەمىمىي دوستلۇقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. دومىنىكا بىلەن جۇڭگو ئورتاق ئىدىيە ۋە ئىنتىلىشكە ئىگە، دومىنىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دومىنىكا خەلقىگە پارلاق ئىستىقبال ئېلىپ كېلىدۇ. دومىنىكا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، يېشىل ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە، سەھىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى − جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو بۈگۈنكى دۇنيادىكى مۇھىم تىنچلىق، مۇقىملىق كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى ئىلھاملاندۇردى، بۇ، دۇنيانىڭ ئۈمىد ماياكى. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. دومىنىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، ساۋ جيايۆ) 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئىسلاندىيە زۇڭتۇڭى توماسدوتتىر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 54 يىلدىن بۇيان، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر جەمئىيەت تۈزۈمى قاتارلىق پەرقلەردىن تامامەن ھالقىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭگو ئىسلاندىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىسلاندىيە تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىشى ۋە قوللىشى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئىقتىساد - سودا، يەر ئىسسىقلىقى، داۋالاش، ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپ زىچ پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە ماسلىشىپ، خەلقئارا تالاش - تارتىشلارنى سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
توماسدوتتىر مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئىسلاندىيەدىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر كىچىك دۆلەتنى تولۇق ھۆرمەتلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئىسلاندىيە جۇڭگونىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىسلاندىيە بىلەن جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان دوستانە ئۆتۈپ كەلدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كۈچلۈك بولدى، سودا، يەر ئىسسىقلىقى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. ئىسلاندىيە تەرەپ ئىسلاندىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىق بوشلۇقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. داۋالغۇش، ئەنسىزلىككە تولغان دۇنيا ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، ئىسلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ يەر ئىسسىقلىقى ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، دۇڭ شۆ) 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن موزامبىك زۇڭلىسى لېۋى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موزامبىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەملەندى. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن بىر - بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - موزامبىك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېيىنكى تېخىمۇ شانلىق 50 يىلنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئىزدىنىشىنى، دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، موزامبىك تەرەپ بىلەن ھۆكۈمەت، پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىق يېڭى يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشى كېرەك. موزامبىك - جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ موزامبىك تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
لېۋى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، ئەھمىيىتى زور، موزامبىك تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو موزامبىكنىڭ ئىشەنچلىك ياخشى ھەمراھى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قوللاپ، زىچ ھەمكارلىشىپ كەلدى. موزامبىك تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. موزامبىك تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن قوشقان پائال تۆھپىسىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ساۋ جيايۆ، فېڭ شىنرەن) 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سىرى لانكا زۇڭلىسى ئاماراسۇرىيا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر تىنچ بىللە ئۆتۈشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارا دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشتىكى سەپەرداشلار، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر سىرى لانكىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم يۆنىلىش دەپ قاراپ، سىرى لانكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - سىرى لانكا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، پورت ئىقتىسادى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق كېڭەيتىپ، سىرى لانكىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىپ قىمار ئويناش ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.
ئاماراسۇرىيا زۇڭتۇڭ دىسساناياكېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينىغان مۇھىم رەھبەرلىك رولىنى نامايان قىلدى. سىرى لانكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ سىرى لانكىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.