«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىزتىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى فرانكفورتتا ئۆتكۈزۈلدى

2025.10.16 09:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فرانكفورت، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ شياڭ، ما يۆرەن) جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگونىڭ فرانكفورتتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق ئەسەر جۇڭگوغا تەۋە بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنياغا تەۋە. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى خاتىرىلەنگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ نەشر قىلىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە تەرەققىيات يولىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن بەخت - سائادىتى ۋە پۇرسىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىشىغا، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

گېرمانىيەلىك خەنشۇناس، تارىخشۇناس پېي گاۋدې سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 5 - تومغا باش تېما بويىچە تۈرگە ئايرىپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن، بۇ سۆزلەر جۇڭگونىڭ سىجىل، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىياتى ھەم جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى رولىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان، مەزمۇنى كەڭ، ئېسىل، تەرجىمىسى راۋان بولۇپ، بۇ كىتابنى ئوقۇش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە پايدىلىق. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دوستلۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقىنىڭ پەخرىي مەسئۇل مۇھەررىرى داۋىد فېرگۇسون مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى پۇختا لوگىكىلىق قاتلامغا ئىگە مۇكەممەل سىستېما، بۇ سىستېما دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن بارلىق مۇھىم تېمىلارغا سىستېمىلىق جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ كەڭلىكى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. فرانكفورت كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ چەت ئەل تەرەپ شۆيۈەن مۇدىرى ۋاڭ ۋېيمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو ئىدىيە ئەسەرلىرىگە بىر دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى تەپەككۇرى ۋە ئەمەلىيىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەقىقىي جۇڭگونىڭ قۇلۇپىنى ئاچىدىغان «ئىدىيە ئاچقۇچى»، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەرەققىيات، تىنچلىق، ئىدارە قىلىشتىكى ئەقىل - پاراسەت ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسنى ھەل قىلىدىغان يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.

پائالىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ چەت ئەللىك مۇھىم ئەزىز مېھمانلارغا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار «باراۋەر ۋە سىغدۇرۇشچان بولۇش: مەدەنىيلىك سۆھبىتىدىن دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقىچە»دىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن دۇنيا، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، جۇڭگو - ياۋروپا مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى قاتارلىقلاردىن 91 پارچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 18 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ