شى جىنپىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

2025.10.15 15:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، دۇڭ بوتىڭ) 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

ئالتۇن كۈز پەسلىدە ھاۋا ئوچۇق ئىدى. دۆلەت يىغىن مەركىزىنىڭ يىغىن مەيدانىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بايرىقى ھەيۋەتلىك بايراق سېپى ھاسىل قىلغانىدى.

شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى تېزلىتەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاياللار ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ياراتقۇچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى، ۋارىسلىق قىلغۇچىسى، ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. 30 يىل ئىلگىرى، بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنىدا «ھەرىكەت ئارقىلىق باراۋەرلىك، تەرەققىيات ۋە تىنچلىقنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت يۈكسەك نىشان بېكىتىلىپ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە «بېيجىڭ خىتابنامىسى» ۋە «ھەرىكەت پىروگراممىسى» ماقۇللىنىپ، جىنس جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى دەۋر قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەرنى بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. 30 يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يارقىن تۈس قوشتى. ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، ئاياللارنى ھوقۇققا ئىگە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت تۇرمۇشىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئاياللار خەلقئارا سەھنىلەرگە چىقىپ، قالتىس كىشىلىك ھاياتىنى نامايان قىلىپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچنى تەقدىم قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى يەنىلا مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە ئېغىر، مۇساپە ئۇزۇن. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ھەرقايسى تەرەپلەر بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەسلەپ، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشى، تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىشى، تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، ئاياللارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق ياخشى مۇھىتنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش كېرەك. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، توقۇنۇش بولۇۋاتقان، نامرات، ئاپەت يۈزبەرگەن رايونلاردىكى ئاياللار ۋە قىز بالىلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق شەكىلدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك قۇۋۋەتنى ئورتاق يېتىلدۈرۈش كېرەك. دۇنيادىكى ئاياللار تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بارلىق ئاياللارنى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، تىرىشىپ كەڭ ئاياللارنى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش دولقۇنىدا كىشىلىك ھاياتنى جۇلالاندۇرۇش، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. تۈزۈم ۋە قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ساغلاملىق ۋە مائارىپ بايلىقى ئارقىلىق بارلىق ئاياللارغا نەپ يەتكۈزۈپ، تىرىشىپ كەڭ ئاياللارنى تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئادىل بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. سىغدۇرۇشچان، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، ئاياللارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاياللارنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىنى قوللاپ، جىنس جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك ئورتاق تونۇشى ۋە ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، دۇنيا ئاياللار ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش كېرەك. ئاياللارنىڭ دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قوللاش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەرقايسى دۆلەت ئاياللىرى ئۈچۈن كەڭ ھەمكارلىق سۇپىسى ھازىرلاپ، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئاياللار ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى، جۇڭگو ئاياللىرى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرماقتا. جۇڭگو پائال تۈردە ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنى پۇرسەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ئاياللار ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسىگە يەنە 10 مىليون دوللار ئىئانە قىلىدۇ؛ 100 مىليون دوللارلىق دۇنياۋى تەرەققىيات ۋە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى فوندى نورمىسى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە 1000 «ئاددىي ھەم گۈزەل» تۈرگە ياردەم بېرىدۇ؛ 50 مىڭ ئايالنى جۇڭگوغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ؛ «دۇنيا ئاياللار ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەركىزى» تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كۆزگە كۆرۈنگەن ئايال ئىختىساسلىقلارنى ھەمكارلىشىپ يېتىشتۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ، ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يېڭى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

ئىسلاندىيە زۇڭتۇڭى توماسدوتتىر، دومىنىكا زۇڭتۇڭى بۇرتون، گانا زۇڭتۇڭى ماخاما، موزامبىك زۇڭلىسى لېۋى، سىرى لانكا زۇڭلىسى ئاماراسۇرىيا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش كاتىپى ئامىنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە ئاياللار مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى باخۇس ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس ۋە تەدبىرلەرنى ئالقىشلىدى. ھەرقايسى تەرەپ مۇنداق تەكىتلىدى: 30 يىل ئىلگىرى بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنىدا ماقۇللانغان «بېيجىڭ خىتابنامىسى» ۋە «ھەرىكەت پىروگراممىسى» مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، بۇ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان يول خەرىتىسى. جۇڭگو نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، جىنس جەھەتتىكى باراۋەرلىككە تۈرتكە بولۇش، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مول تەجرىبىلەرنى توپلاپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق زىممىگە ئېلىش ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى ئارقىلىق دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئاياللار ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تەڭداشسىز رول ئوينىماقتا، جىنس جەھەتتىكى باراۋەرلىك ۋە ئاياللار تەرەققىياتى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بېيجىڭ دۇنيا ئاياللار يىغىنى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارالىق ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، يىن لى، تيې نىڭ، شېن يۆيۆ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شېن يىچىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ