«شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ كۆپ خىل تىل - يېزىق نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025.10.14 15:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ رۇس تىل - يېزىقى، فىرانسۇز تىل - يېزىقى، ئىسپان تىل - يېزىقى، ئەرەب تىل - يېزىقى نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ بىر قاتار مۇھىم بايانلار «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ئاياللار - بالىلار ۋە ئائىلە ساھەسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم نەتىجە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار - بالىلار ئىشلىرى ۋە ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا، ئىككى ئەسەرنىڭ رۇس تىل - يېزىقى، فىرانسۇز تىل - يېزىقى، ئىسپان تىل - يېزىقى، ئەرەب تىل - يېزىقى نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، دۇنيا ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ