10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىن بىۋاسىتە ئايروپىلان ئۇچىدۇ!

2025.10.13 14:49 مەنبە: خەلق تورى

يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-خاڭجوۋ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى قايتا ئاچتى، يەككە مۇساپىلىك ئۇچۇش ۋاقتى توختايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا قارىغاندا ئۈچ سائەت قىسقاردى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى جاي ھەم لىنىيە بويىدىكى يولۇچىلارنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاۋىياتسىيە سەپىرى تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى.

تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى. تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى تەمىنلىگەن سۈرەت

بۇ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى-خاڭجوۋ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە A 320 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەت ئۇچۇش پىلانلاندى. بېرىش مۇساپىسىدىكى GS 7521 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 13 تىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن قوزغىلىپ، سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە خاڭجوۋغا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش مۇساپىسىدىكى GS 7522 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە خاڭجوۋدىن قوزغىلىپ، سائەت 17 دە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدۇ. ئاۋىياتسىيە باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچىدىن خاڭجوۋغا بارىدىغان يەككە مۇساپىلىك ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 1130 يۈەندىن باشلىنىدۇ (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، خاڭجوۋدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان يەككە مۇساپىلىك ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 850 يۈەندىن باشلىنىدۇ (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ