ئەسكەرتىش! 2026-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ھەق تاپشۇرۇش باشلاندى

2025.10.13 14:48 مەنبە: خەلق تورى

2026-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ «ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى» دېيىلىدۇ) نۆۋەتتە مەركەزلىك سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش مەزگىلىگە كىردى، شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ھەربىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 440 يۈەن (ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتا ھەققى 40 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 2025-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2026-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك خادىملار ۋە بەلگىلىمە بويىچە باشقا كاپالەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلاردىن باشقا بارلىق شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى قاپلايدۇ، بۇ، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ياكى مۇشۇ شەھەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلار، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ۋە ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەمدە «چەت ئەللىكلەر مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى» ئېلىپ مۇشۇ شەھەردە ئولتۇراقلاشقان، ئەمما ئىشقا ئورۇنلاشمىغان چەت ئەللىكلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئوبيېكتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ئىقتىسادىي ياردىمى يولغا قويۇلىدۇ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار (يېتىم بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تولۇق سومما بويىچە ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشىدۇ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى شەخسىي تاپشۇرىدىغان ھەق 108 يۈەن (ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتا ھەققى سەككىز يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولىدۇ.

2026-يىللىق ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى: 2025-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ھەمدە مەركەزلىك ھەق تاپشۇرۇش مەزگىلىدە ھەق تاپشۇرغان ئاھالىلەر 2026-يىلى پۈتۈن يىلدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن نورمال بەھرىمەن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ