«شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە دائىر مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە دائىر مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025.10.13 14:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە دائىر مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە دائىر مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئىككى كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇملۇقىنى چىقىش قىلىپ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئائىلە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاياللار - بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ تەشەببۇسىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار - بالىلار ۋە ئائىلە خىزمىتىنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە دائىر مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» «شى جىنپىڭنىڭ ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە دائىر مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا» ناملىق ئىككى كىتابتا ئايرىم - ئايرىم ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئائىلە خىزمىتىگە دائىر مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈلگەن، بۇ كىتابلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار - بالىلار ۋە ئائىلە خىزمىتىگە دائىر مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نوپۇزلۇق ياردەمچى ئوقۇشلۇق بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار - بالىلار ۋە ئائىلە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ