«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025.10.13 14:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇشلۇق» دېيىلدى) ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىنكاس قىلىش، زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش جەريانىدا پائال تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى يېپيېڭى نەزەر بىلەن ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. «ئوقۇشلۇق» جەمئىي توققۇز بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەيداندا چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتتە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈلگەن.

«ئوقۇشلۇق»نىڭ نەشر قىلىنىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ بارومېتىرلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشىك ئالدىغىچە كەلگەن ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىشىغا پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ