شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى جىن جېڭئېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، يولداش باش شۇجى ۋە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ھەم چاۋشيەن خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەك تىلەيمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 80 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى چاۋشيەن خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش باش شۇجى چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پائال كۈچ چىقاردى. يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن رول تۇتۇپ يول باشلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېپيېڭى سەھپىسىنى ئاچتۇق. يېقىندا، يولداش باش شۇجى جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگەرمەس فاڭجېنى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن! جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!