
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ قىش پەسلىدىكى پار بىلەن تەمىنلەشكە دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى يىپ ئۇچىنى ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلغان.

ھاۋانىڭ تەدرىجىي سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى مۇۋاپىق پەيتتە ئوت يېقىپ، 2025-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان قىش پەسىللىك پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ئارقا-ئارقىدىن باشلىدى، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مۇددەتتىن ئىككى كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بۇرۇن پار بىلەن تەمىنلەشنى باشلىغان. ئۈرۈمچى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ پار بىلەن تەمىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ